تۈركىيەدە بۈگۈن 83يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن83كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1586393
تۈركىيەدە بۈگۈن 83يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن83كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى27مىڭ 821گە يەتتى.

بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 115مىڭ.406كىشىنىڭ640نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 7مىڭ241گە يەتتى.

داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان7مىڭ217كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى2مىليون 504مىڭ50كە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر