تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 93 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازاقىلغانلارنىڭ سانى  93 كىشىىگە يەتتى

1583047
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 93 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يۇقۇم باشلانغاندىن بېرى قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 27  مىڭ 377 كىشىگە ئۆرلىدى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 123 مىڭ 305 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 671 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 7 مىڭ 215 كىشىنى قوشقاندا، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 2 مىليون 468 مىڭ 419 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر