«ئەرەن – 10 گابار» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

شىرناق – سىئىرت رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى «ئەرەن – 10 گابار» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.

1582216
«ئەرەن – 10 گابار» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، شىرناق – سىئىرت رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى باشلانغان ۋە 1073 ئالاھىدە خادىم قاتناشقان «ئەرەن – 10 گابار» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ نىشانى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش ئىكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، دۆلەت مىقياسىدا تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋە 2021 – يىلى، 10 – يانۋار كۈنى باشلانغان «ئەرەن ھەربىي ھەرىكەتلىرى» دائىرىسىدە، ھازىرغىچە 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، 58 يانتاياقچى تۇتۇلغان، 213 غار، پاناھ جاي، ئىسكىلات يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن، كۆپ ساندا ئوق - دورا – قورال – ياراغ، يېمەك - ئىچمەك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەربىي ھەرىكەتلىرى، خەلقنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا چوڭقۇر ئىشەنچ ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر