تۈركىيەدە بۈگۈن 94يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن94كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1581959
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 94كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى27مىڭ 187گە يەتتى.
بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 130مىڭ.313كىشىنىڭ660نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 7مىڭ590غا يەتتى.
داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان7مىڭ811كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى2مىليون 453مىڭ96گە يەتتى.