تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 112 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازاقىلغانلارنىڭ سانى 112 كىشىىگە يەتتى.
1579063
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 26 مىڭ 797 گە يەتتى.
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 129 مىڭ 715 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 623 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.
ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 8 مىڭ 210 كىشىنى قوشقاندا، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 2 مىليون 440 مىڭ 706 كىشىگە يەتتى.