قەندىل رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قەندىل رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1575966
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، قەندىل رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى تېررورچىلارنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشى نەتىجىسىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قەندىل رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 10 تېررورچى، ھاۋا ھۇجۇمىدا بىر تەرەپ قىلىندى.»