دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى: ھەق – ھوقۇقلىرىمىزنى جان تىكىپ قوغداش ئىرادىمىز قەتئىي

دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا ئەنقەرەنىڭ  تۈركىيەنىڭ ئەگە دېڭىزى، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە قىبرىستىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى تەكىتلەندى.

1573370
دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى: ھەق – ھوقۇقلىرىمىزنى جان تىكىپ قوغداش ئىرادىمىز قەتئىي

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا چاقىرىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن باياننامە ئېلان قىلىندى.

باياننامىدە، يىغىندا، رايوندا ئاساسلىق مۇقىمسىزلىقنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگرا لىنىيەلىرىدىكى قوشنىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىكى مەۋجۇدىيىتىگە خاتىمە بېرىلىشى دائىرىسىدە تاشلىنىۋاتقان قەدەملەرلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «يىغىندا، مەسىلىگە داخىل بولۇۋاتقان بارلىق خەلقئارالىق ئاكتىيورلار، زىممىسىگە  يۈكلەنگەن ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.»

تۈركىيەنىڭ ئەگە دېڭىزى، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە قىبرىس مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا ھەر بىر مۇنبەردە ئالدى بىلەن دىپلوماتىيە ۋە دىيالوگ تەرەپدارى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياننامىدە، مۇنداق دېيىلدى: «شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە كېلىشىملەرگە ئاساسلىنىدىغان ھەق – ھوقۇقلىرى، تۈپ مەنپەئەتلىرىنى جان تىكىپ قوغداش ئىرادىسى قەتئىيدۇر.»

باياننامىدە يەنە، سومالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا قىتئەسى ۋە ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلەردىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئەيىبلەندى، تۈركىيەنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر