سويلۇ: تۈركىيە دۇنيادىكى ئەڭ ۋىجدانلىق دۆلەت

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قىلغان ئەڭ ۋىجدانلىق  دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1569142
سويلۇ: تۈركىيە دۇنيادىكى ئەڭ ۋىجدانلىق دۆلەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن سويلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياۋروپا ۋە كۆپلىگەن باي دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى پەرۋاسىزلىقىغا پۈتكۈل دۇنيا بىلەن بىرلىكتە شاھىت بولۇۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بۈگۈنكى كۈندە يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قىلغان دۆلەت بولدى. ئېلىمىز دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت ئەمەس، لېكىن، دۇنيا بويىچە ئەڭ ۋىجدانلىق دۆلەتتۇر، مىللىتىمىز دۇنيادىكى ئەڭ مېھىر - شەپقەتلىك مىللەتتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر