ھۇلۇسى ئاكار بىلەن ياشار گۈلەر ئىراقتا بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى

ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئىراققا يېتىپ كەلگەن تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ۋە ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەرنى پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا كۈتۈۋالدى.

1566432
ھۇلۇسى ئاكار بىلەن ياشار گۈلەر ئىراقتا بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھنىڭ تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ۋە ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، كۆرۈشۈشتە، بارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە «ئىراقنىڭ ھېچكىمگە ھۇجۇم قىلىش جايى بولماسلىقى» كېرەكلىكىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇقىملىقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە كوردىناتسىيەنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئەسكەرتتى.

ھۇلۇسى ئاكار بىلەن ياشار گۈلەر ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا باردى. بۇ يەردە ئاكار ۋە گۈلەر، ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئوسمان ئەلى فەرھۇد ئەل گانىمى تەرىپىدىن مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى.

ھۇلۇسى ئاكار ۋە ياشار گۈلەر ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ باغدادتىكى ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئارقىدىن ئەربىلگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

ھۇلۇسى ئاكار ۋە ياشار گۈلەر ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، باش مىنىستىر مۇستافا ئەل كازىمى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن باغدادقا كەلگەن ھۆكۈمەت بىناسىدا قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئىراق باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مەسىلىلەر ۋە ھەربىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەل كازىمى ئىراقتىن تۈركىيەگە قارىتىلغان تېررورىست ھۇجۇملارنى رەت قىلغانلىقلىرىنى ۋە ئارمىيەنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ئىراق باش مىنستىرى مۇستافا ئەل كازىمىغا خىزمىتىدە مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراق ئارمىيەسىگە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، تەلىم-تەربىيە ۋە مەسلىھەتچىلىك ساھەلىرىدە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر