مۇغلادا كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى
مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ مارمارىس ناھىيەسىدە گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 6 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.
1564733
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، مارمارىس ساھىللىرىدا بىر گۇرۇپپا تەرتىپسىز كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان 5 كىشىنى قۇتقۇزۇۋالدى.
پورتقا كەلتۈرۈلگەن تەرتىپسىز كۆچمەنلەر، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.