مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ پاكىستان زىيارىتى دائىرىسىدە، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇت قۇرەيشى بىلەن كۆرۈشتى.

1562833
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇت قۇرەيشىنىڭ ئايرىم ئۇچرىشىشىدا ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئورتاق مەنپەئەتكە ئالاقىدار ئورتاق ئىستراتېگىيە يولغا قويۇشتا پىكىر بىردەكلىكى كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى.

ئىككى مىنىستىر يەنە، دۇنيادا ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ يۆلىنىشىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئىسلامنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشنى تەكىتلىدى.

ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە-پاكىستان ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي رامكىسىنى يولغا قويۇشنىڭ لازىملىقى بىلدۈرۈلدى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇرەيشى تۈركىيەنىڭ كەشمىر مەسىلىسدە پاكىستاننى قوللىغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

مىنىستىرلارنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ھەيئەتلەر ئارا يىغىن باشلاندى. يىغىندىن كېيىن، مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەھمۇت، تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتىنىڭ سالاھىيىتى ۋە پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار كېلىشىمگە ئىمزا قويدى.

بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيەتى پاكىستاندا «خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلات» سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىپ، قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئاممىۋى ئورگان سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر