چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىى ياۋروپادا
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىنى ياۋروپادا كۆرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
1562067
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ باش ئەلچىلىرى بىلەن ئەنقەرەدىكى چانكايا سارىيىدا كۆرۈشتى.
چاۋۇشئوغلۇ سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، 2021 - يىلىنىڭ ھەمكارلىشىش، كۆپ تەرەپلىمىلىك، دىپلوماتىيە ۋە دىئالوگ يىلى بولۇشىنى تىلىدى.
مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئىسلاھات مەسىلىسىدە قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
چاۋۇشئوغلۇ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىزنى قوللىشى كېرەك، بىز كەلگۈسىمىزنى ياۋروپادا كۆرىمىز ۋە بۇنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايمىز» دېدى.