تۈركىيەدە بۈگۈن 194يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن194كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1557976
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 194كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى21 مىڭ 879غا يەتتى.
بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 183مىڭ 413كىشىنىڭ 1 مىڭ 477نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 14مىڭ 494كە يەتتى.
داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 8 مىڭ 908كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 2 مىليون 155مىڭ 338گە يەتتى.