كوجا: تۈركىيەدە كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ يېڭى تۈرى بايقالدى

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ئەنگلىيەدىن كەلگەن 15 كىشىدە كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ تېخىمۇ تېز تارقىلىدىغان  تۈرىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېيتتى.

1555898
كوجا: تۈركىيەدە كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ يېڭى تۈرى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «كوۋىد – 19» سەۋەبىدىن 212 كىشى قازا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 21 مىڭ 93 كە يەتتى.

بىر كۈن ئىچىدە  158  مىڭ 103 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1 مىڭ 908 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 12 مىڭ 203 كە يەتتى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 14 مىڭ 110 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلار ئومۇمىي سانى 2 مىڭ 114 مىڭ 760 كىشىگە يەتتى.

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، ئەنگلىيەدە ئوتتۇرىغا چىققان «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ تېخىمۇ تېز تارقىلىدىغان تۈرىنىڭ، بۇ دۆلەتتىن تۈركىيەگە كەلگەن 15 كىشىدە بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ كىشىلەرنىڭ باشقىلار بىلەن ئالاقىسى چەكلىنىپ، كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كوجا، ئەنگلىيەدىن  ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ ۋاقىتلىق تامامەن توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر