«شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ھەق – ھوقۇقلىرىمىزدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيمىز»

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە تۈپ مەنپەئەتلىرىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1545582
«شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ھەق – ھوقۇقلىرىمىزدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بۈگۈن تۈركىيە بولماي تۇرۇپ، ياكى تۈركىيەگە قارىماي سۈرىيە، لىۋىيە، شەرقىي ئاقدېڭىز، كاۋكاز، ئافغانىستان ۋە ئىراق مەسىلىلىرىدە قەدەم تاشلىنالمىسا، بۇ ئاكتىپ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر. شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ھەق – ھوقۇقلىرىمىز ۋە تۈپ مەنپەئەتلىرىمىزدىن، <بىزگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدۇ>، دەپ، ياكى <ياۋروپا ئىتتىپاقى تەنقىد قىلىدۇ>، دەپ ۋاز كېچىشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، بىز تۈركىيە دۆلىتى سۈپىتىمىز بىلەن، زۆرۈر تېپىلغاندا، ئويۇن قۇرغۇچىمىز، ئەمما نۆۋىتى كەلگەندە، دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىگە قارشى ئويۇن قۇرغانلارنىڭ ئويۇنلىرىنى بۇزىۋاتىمىز. كۈچلۈك بولۇش ۋە ئۆزىمىزنىڭ ھېكايىسىنى ئۆزىمىز يېزىش مەجبۇرىيىتىمىز باردۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر