تۈركىيە ھەربىي خادىملىرى قاتار ھەربىي قىسمىنى تەربىيەلەيدۇ
قاتاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە ھەربىي قىسىملىرى قاتار ياردەمچى ھەربىي قىسىمىنىڭ مېنامىيوت ئەترىتىگە تەلىم-تەربىيە بېرىدۇ.
1539654
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېردا قاتاردىكى تۈركىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قاتار مېنامىيوت ئەترىتىنى تەربىيەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، قاتاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە ھەربىي قىسىملىرى خادىملىرىنىڭ قاتار ئالاھىدە قىسمى تارمىقىدىكى مېنامىيوت ئەترىتىگە 120 مىللىمېتىرلىق مېنامىيوت تەلىم-تەربىيەسى بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە سۆھبەت يىغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە «بەرپاچى كۈنتەرتىپ دىيالوگى»نىڭ 6-قېتىملىق يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.