ئەردوغان: دىجىتاللىشىش ناھەقچىلىقلارغا سەۋەب بولماسلىقى كېرەك

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دىجىتاللىشىشنىڭ يېڭى ئادالەتسىزلىكلەرگە، ناھەقچىلىقلارغا ۋە باشقىلارنى چەتكە قېقىشلارغا سەۋەب بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1537583
ئەردوغان: دىجىتاللىشىش ناھەقچىلىقلارغا سەۋەب بولماسلىقى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن (2020-يىلى 1-دېكابىر) باشلانغان ۋە ئىنتېرنېتتا ئۆتكۈزۈلگەن «2020-ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى» غا قاتنىشىپ، «يۇقۇمدىن كېيىن، دۇنيادا خەلقئارالىق تەرتىپ ۋە ئۆزگەرگەن دىنامىكلار» تېمىسىدا سۆز قىلدى.

ئۇ ھاياتتىكى ھەممە نەرسىگە ئوخشاش، تېخنولوگىيەنىڭمۇ كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ھېچقانداق نازارەت بولمىغان، خالىغانچە ئېچىۋېتىلگەن ۋە قانۇن سىرتىدىكى رايون دەپ قارالغاندا، دىجىتاللىشىشنىڭ بىزنى ئاپىرىدىغان جايى فاشىزمدۇر» دېدى.

ئۇ يامانلىق قىلغان، جىنايەت ئۆتكۈزگەن پايدا تاپىدىغان بىر تەرتىپ نامىنىڭ «ئەركىنلىك» بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن تاشلىغان ياخشى كۆڭۈللۈك قەدەملىرى، قوش تىرناق ئىچىدىكى ئەركىنلىكلەر بىلەن توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتىدۇ. ياخشى كۆڭلىمىز بىلەن قىلغان  تىرىشچانلىقلىرىمىزغا خالىسانە ياردەم قىلىنمىسا، تۈركىيە ھەر قانداق شارائىت ئاستىدا پۇقرالىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

ئۇ خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ ياۋروپادىكى ۋەقەلەردە، كۆرمەس، ئاڭلىماس ۋە بىلمەس بولۇۋالغانلىقىنى، فىرانسىيەنىڭ ئاخباراتنىڭ قامالىغا قارشى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تاراتقۇ ئورگانلىرىنىڭ ئىسلامغا ۋە چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىشتا بايراق كۆتۈرۈپ ئالدىدا مېڭىشى، ھەقىقەتەنمۇ نومۇس قىلارلىق. ئاخبارات ئەركىنلىكى نىقابى ئاستىدا نامايان قىلىنغان بۇنداق پوزىتسىيەگە ‹توختا› دېيىلمىگەندە، بۇنىڭ دەردىنى ياۋروپا بىلەن بىرلىكتە پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارتىدۇ» دېدى.

ئۇ «ت ر ت ۋورلد» نىڭ ناھەقچىلىقلارغا قارشى ئادالەتنىڭ ئاۋازى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر