ئەردوغان: غەرب ئەللىرىدە مۇسۇلمانلارنى چەتكە قېقىش ئادەتكە ئايلاندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان غەرب ئەللىرىدە مۇسۇلمانلارنى چەتكە قېقىش، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىرقچىلىقنىڭ ئادەتكە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

1535852
ئەردوغان: غەرب ئەللىرىدە مۇسۇلمانلارنى چەتكە قېقىش ئادەتكە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئامېرىكا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ 23 –  نۆۋەتلىك يىللىق قۇرۇلتىيىغا ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، بۇ يىل پەقەت «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارىشىلا ئەمەس، بۇ ۋىرۇستىن نەچچە ھەسسە تېز تارقالغان «ئىسلام دۈشمەنلىكى» ۋىرۇسىغا قارشىمۇ كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇزۇن يىللار دېموكراتىيەنىڭ بوسۇغۇسى دەپ ئاتالغان ئەللەردە مەدەنىيەت خاراكتېرلىك ئىرىقچىلىق، ئايرىمچىلىق، خۇش پېئىلسىزلىك يوشۇرغىلى بولمايدىغان سەۋىيەگە يەتتى.»

ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە چەت ئەللىك ئۆچمەنلىكىنىڭ، سىياسەتنى ئەسىرگە ئېلىۋالىدىغان، كۈندىلىك ھاياتنى قىيىنلاشتۇرىدىغان، دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان بىر خىل ئېقىمغا ئايلانغانلىقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، كۆپلىگەن ئەللەردە ئېتىقادى، تىلى، ئىسمى ياكى كىيىنىش تەرزى سەۋەبلىك مۇسۇلمانلارنىڭ چەتكە قېقىلىشىنىڭ ئادەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىۋېيتسىيەدە قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى، نورۋېگىيەدە قۇرئان كەرىمنىڭ يىرتىلىشى، فىرانسىيەدە ئاخبارات ئەركىنلىكى نامىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىنغان ھەجۋىي رەسىملەرنى سىزىشنىڭ تەشۋىق قىلىنىشىنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس قىممەتلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملاردىن پەقەت بىرقانچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن دائېش ياكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قىلچە پەرقلەنمەيدىغان ئىدېئولوگىيەلىك ئەسەبىيلىكنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا دۆلەت باشلىقى سەۋىيەسىدە تەشۋىق قىلىنىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز.»

ئىنسانلارنىڭ مۇقەددەس قىممەت ئۆلچەملىرىنى كەمسىتىشنىڭ ئەركىنلىك بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنلەرنى پەپىلىگەنلەر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىشنى تەشۋىق قىلغانلار، جامەلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى كۆرمەسكە سالغانلار، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەركىنلىك نامىدىن ئەمەس، ئەكسىچە ئىچكى دۇنياسىنى قاپلاپ كەتكەن پاشىزمنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ. دىققەت قىلىڭلار، بىزنىڭ مۇقەددەس قىممەت ئۆلچەملىرىمىزگە قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك ھۇجۇمنى پىكىر ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى دېيىشىدۇ، ئەمما ئۆزلىرىگە قارىتىلغان ئەڭ كىچىك تەنقىدكىمۇ سەۋر - تاقەت قىلالمايدۇ.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىسلام ۋە ئىنسانىيەت دۈشمەنلىرىنىڭ بۇنچىلىك پەرۋاسىزلىشىپ كېتىشىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبىنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت پاتقىقىغا پېتىپ كېتىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مۇقەددەس قىممەت ئۆلچەملىرىمىزگە قارىتىلغان ھۇجۇملار ئالدىدا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىمىزنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش، ھەممىمىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر.  مۇسۇلمان كىشى باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېمىگىنىدەك، باشقىلارنىڭ ئۆز ھەققىگە، ھوقۇقىغا، شان – شەرىپىگە قول سوزۇشىغىمۇ قەتئىي يول قويمايدۇ. كىمدىن كەلسە كەلسۇن، ئادالەتسىزلىك ۋە قانۇنسىزلىق ئالدىدا سۈكۈت قىلىش، مۇسۇلمان كىشىگە ياراشمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر