بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 182 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 182 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1536078
بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 182 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 182 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 13 مىڭ 373 كە چىقتى.

بىر كۈندە 174 مىڭ 443 كىشى تەكشۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 6 مىڭ 714 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار سانى 30 مىڭ 103 كە يەتتى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 3 مىڭ 611 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 396 مىڭ 227 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر