بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 177كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 177كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1535769
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 177كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 13 مىڭ 191گە چىقتى.
بىر كۈندە 171 مىڭ 113كىشى تەكشۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 6 مىڭ 592 بېمار بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار سانى 29 مىڭ 845كە يەتتى.
مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 3 مىڭ 845 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 392 مىڭ 616كىشىگە يەتتى.