بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 174 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 174 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1535080
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 174 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 13 مىڭ 14 كە چىقتى.
بىر كۈندە 168 مىڭ 448 كىشى تەكشۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 6 مىڭ 814 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار سانى 29 مىڭ 132 گە يەتتى.
مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 3 مىڭ 291 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 388 مىڭ 771 كىشىگە يەتتى.