تۈركىيە گىرېتسىيەنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە گىرېتسىيەنىڭ ۋاقىتنى ئارقىغا سۈرمەستىن سۆھبەت ئۈستىلى ئەتراپىغا كېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

1533895
تۈركىيە گىرېتسىيەنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىئاسنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان تۈركىيە توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە دائىر بىر سوئالغا جاۋاب بەردى.

ھامى ئاقسوي، دېندىئاسنىڭ باياناتلىرىدىكى تۈركىيەگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەر ۋە ئىشلەتكەن تىلىنىڭ، گىرېتسىيە تەرەپنىڭ تۈركىيە – گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى دىيالوگ ۋە دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە ئاۋغۇست ئېيىدىن بۇيان نامايان قىلىپ كەلگەن بەرپاچى پوزىتسىيەسى ۋە تاشلىغان ياخشى نىيەتلىك قەدەملىرىنىڭ ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئاقسوي، «ئەھۋالنىڭ مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، گىرېتسىيەنىڭ رايوندىكى <چوڭ> تەلەپلىرىگە قارىتا دۆلىتىمىزنىڭ ۋە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىمىزنى <ئىغۋاگەرچىلىك>، ھەتتا <قانۇنسىز> دېيىشى، دىيالوگدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرى سۈرگەن باھانىلەردۇر» دېدى.

ئاقسوي، تۈركىيەنىڭ دىيالوگ ئۆتكۈزۈش تىرىشچانلىقىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ۋە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «گىرېتسىيە تەھدىت تىلى بىلەن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئارقىسىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇش ئارقىلىق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. ئالدىنقى شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ۋاز كېچىپ، سۆھبەت ئۈستىگە ئولتۇرۇشى لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر