تۈركىيە پ ك ك غا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك نىڭ ئاتالمىش ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى دىھلاز تەخەللۇسلۇق ھىزرەت چالقىن، ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر تەرەپ قىلىندى.

1533486
تۈركىيە پ ك ك غا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى، ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدە ئىسمى بولغان پ ك ك / ك ج ك نىڭ ئىراق بىلەن سۈرىيە ئارىسىدىكى تېررورچىلارنى يۆتكەش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ھىزرەت چالقىننىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقى ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ رايوندىكى خادىملىرى تەرىپىدىن يېقىندىن نازارەت قىلىنغان ۋە يىغىن ئېچىلىدىغان يەرگىچە قەدەممۇ قەدەم ئىز قوغلاپ كۆزىتىلگەن تېررورچى چالقىننىڭ، باشقا تېررورچىلار بىلەن ئۇچراشقانلىقى ئېنىقلاندى.

تېررورچىلارنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى يىغىنى ئەسناسىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، دىھلىز تەخەللۇسلۇق چالقىن بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تېررورچىلار ناھايىتى دەل نىشانغا ئېلىنىپ بىر تەرەپ قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ۋاندا قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە پ ك ك نىڭ ئىراقتىكى ئاتالمىش بىرلىك قوماندانى بىر تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يولۋاس پەنچىسى ھەربىي ھەرىكىتىگە قاتناشقان كوماندىر جەڭچىلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ ساندا ئۆڭكۈرلەرنى بايقاپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ بىر دانە ئايروپىلان ئاتار قورالى، بىر دانە م-16 تىپلىق پىيادىلەر مىلتىقى ۋە ئىككى ئوقدان، بىر ئات-4 تىپلىق تانكائاتار، 17 دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ، بىر قول بومبىسى، 15 ئاپتومات، 58 دانە گىراناتامىيۇت، 15 يۈرۈش پىلىمۇت ئوقى ۋە 200 كىلوگىرام ئامونيۇم نىترات بىلەن بىرلىكتە بىر قىسىم تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ: #پ ك ك , #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر