تاكسى شوپۇرى ئولگاچ ئۇنتۇلغان 300 مىڭ ياۋرونى ئىگىسىگە تاپشۇردى

ئىستانبۇلدا بىر تاكسى شوپۇرى ئاپتوموبىلىدا ئۇنتۇلغان 300 مىڭ ياۋرونى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بەردى.

1533097
تاكسى شوپۇرى ئولگاچ ئۇنتۇلغان 300 مىڭ ياۋرونى ئىگىسىگە تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ئايرودورۇمىدىن چەتئەللىك بىر يولۇچىنى ئالغان تاكسى شوپۇرى خېرىدارنى مېھمانخانىغا ئېلىپ بېرىپ، قايتىش جەريانىدا ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدا بىر سومكا ئۇچراتتى.

شوپۇر يولۇچى ئۇنتۇغان سومكىدا پۇل بارلىقىنى كۆردى.

تاكسى شوپۇرى ئولگاچ دەرھال خېرىدارنى ئېلىپ بارغان مېھمانخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىچىدە  300 مىڭ ياۋرو بولغان سومكىنى ئىگىسىگە يەتكۈزۈپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر