بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 161كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 161كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1533624
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 161كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 12 مىڭ 672 گە چىقتى.
بىر كۈندە 162مىڭ 231كىشى تەكشۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، 7 مىڭ 381كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى.ئوخشاش ۋاقىتتا، داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 3 مىڭ 678 كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ جەمئىي سانى 381 مىڭ 569غا چىقتى.