بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 153كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 153كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1532938
بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 153كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 153كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 12 مىڭ 511 گە چىقتى.

بىر كۈندە 161مىڭ 125كىشى تەكشۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، 6 مىڭ 713كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى.ئوخشاش ۋاقىتتا، داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 3 مىڭ 254 كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ جەمئىي سانى 377 مىڭ 891گە چىقتى.


خەتكۈچ: #يۇقۇم , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر