مىنىستىر ئاقار تۈركىيە - لىۋىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، مۇقىم، تىنچ ۋە گۈللەنگەن بىر لىۋىيەنىڭ قۇرۇلۇشىدا لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1531219
مىنىستىر ئاقار تۈركىيە - لىۋىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى ۋەخپى – SETA نىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) لىۋىيە خىزمەت ئۆمىكى، ب د ت باش كاتىپىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفانې ۋىللىيامىس ۋە لىۋىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سالاھىددىن نەمروش قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغان «لىۋىيە» تېمىلىق سىن يىغىنىدا سۆز قىلدى.

مەزكۇر سىن يىغىنىدىكى سۆزلىرىنى تۈركىيە بىلەن لىۋىيەنىڭ 500 يىللىق ئورتاق مەدەنىيەت ۋە ئورتاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھالدا باشلىغان مىنىستىر ئاقار، «بىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىمىز، لىۋىيەلىكلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مىللىي بىرلىكى بۇزۇلمىغان، بارلىق لىۋىيەلىكلەرنى باغرىغا باسىدىغان مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر لىۋىيەدۇر. لىۋىيەنىڭ ب د ت ئېتىراپ قىلغان قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى بولغان مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى قوللايمىز» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

ھافتەر كۈچلىرىنىڭ تىرابلۇسقا قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ سالمىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇشىدىن كېيىن، لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ، ئەنگلىيە، ئىتالىيە، ئالجىرىيە، تۈركىيە ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو قاتارلىق دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارغا مەكتۇپ يوللىغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئىجابىي جاۋاب قايتۇرغان بىردىنبىر دۆلەتنىڭ تۈركىيە بولغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئاقار، «بۇ تەكلىپ ۋە ئىككى تەرەپ كېلىشىمىمىزنىڭ روھىغا ئاساسەن، لىۋىيەدىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت كۈچلىرىگە تەربىيەلەش ، ھەمكارلىق ۋە مەسلىھەت ياردىمى بېرىۋاتىمىز» دېدى.

خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيەنىڭ قوللىشىنىڭ ئويۇننىڭ قائىدىلىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى، تىرابلۇس ئەتراپىدا ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، رايوندا تەڭپۇڭلۇق شەكىللىنىشىگە ياردەمچى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، لىۋىيەنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھافتەرگە قىلىنىۋاتقان بارلىق چەت ئەل ياردىمىنىڭ دەرھال توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ھافتەر كۈچلىرى ۋە چەت ئەللىك ياللانما ئەسكەرلەر بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر