چاۋۇشئوغلۇ: ئېفىيوپىيەدە توقۇنۇشلارنىڭ ئارىسىدا قالغان تۈركىيە پۇقرالىرى پايتەختكە يەتكۈزۈلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئېفىيوپىيەنىڭ تىگراي رايونىدا توقۇنۇشلارنىڭ ئارىسىدا قالغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ قويۇق خىزمەت ئىشلەش نەتىجىسىدە پايتەخت ئەددىس – ئېبېيبەگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1530314
چاۋۇشئوغلۇ: ئېفىيوپىيەدە توقۇنۇشلارنىڭ ئارىسىدا قالغان تۈركىيە پۇقرالىرى پايتەختكە يەتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، «ساھەدىمۇ، سۆھبەت ئۈستىلىدىمۇ كۈچلۈك تۈركىيە» تېمىسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، ئېفىيوپىيەنىڭ تىگراي رايونىدا توقۇنۇشلارنىڭ ئارىسىدا قالغان تۈركىيە پۇقرالىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «قويۇق خىزمەت ئىشلەش نەتىجىسىدە، توقۇنۇشلارنىڭ ئارىسىدا قالغان تۈركىيە پۇقرالىرى پايتەخت ئەددىس – ئېبېيبەگە يەتكۈزۈلدى. ئۇلارنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەدە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن جەم قىلىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، توقۇنۇشلارنىڭ ئارىسىدا قالغان تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن تېلېفونلاشتىم. تۈركىيە ھەمىشە ئۇلارنىڭ يېنىدىدۇر.»

تىگراي ئۆلكىسىنى كونترول قىلىۋاتقان ئىسيانچى تىگراي خەلق ئالدىنقى سېپى كۈچلىرى، 3 – نويابىر كۈنى مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلغان، ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابىي ئەھمەد، 4 – نويابىر كۈنى، تىگراي خەلق ئالدىنقى سېپى كۈچلىرىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى قارارلاشتۇرغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر