«ئەرمېنىيە يەنە كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلسا ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ»

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەرمېنىيەنىڭ يەنە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلسا ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1526441
«ئەرمېنىيە يەنە كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلسا ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «قەھرىمان ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنى، قېرىنداش ئەزەربەيجان خەلقىنى ۋە پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنى تەبرىكلەيمەن. ساھەدىكى زەپەردىن كېيىن، ئەزەربەيجان – رۇسىيە – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ھەر قېتىم ھۇجۇم قىلغان، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بۇزغان تەرەپ ئەرمېنىيە بولدى. ئەزەربەيجان كىرىزىسنىڭ دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ھەردائىم نامايەن قىلدى.»

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، نۇتىقىدا، فىرانسىيەنىڭ ئەرمېنىيەنى قوللاش ئارقىلىق تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىغا زىيان يەتكۈزۈشكە تەشەببۇس قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۈچ دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان مىنىسك گۇرۇپپىسىنىڭ، بولۇپمۇ فىرانسىيەنىڭ بۇ باسقۇچتىن ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلىشى شەرت. چۈنكى ئۇلار ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىنمۇ تەرەپبازلىق خاراكتېرلىك باياناتلارنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى ئىمزا قويدىمۇ؟ قويدى. بۇ ئەرمېنىيە ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئەگەر ئەرمېنىيە كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلسا، ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ.»

تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلەشكە كۆزىتىش مەركىزى قۇرۇش مەسىلىسىدىمۇ پۈتۈشكەنلىكىنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاخىرقى ھۆججەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بىلەن رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ تەرىپىدىن ئىمزالاندى. كېلىشىمنامىدە، رۇسىيەنىڭ ئويناۋاتقان رولىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز. رۇسىيەدىن ئەتە كېلىدىغان ھەيئەت بىلەن  تەپسىلىي سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز. مەركەزنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار  تەپسىللاتلار ئەتىكى يىغىندا مۇئەييەنلىشىدۇ. رۇسىيەنىڭ رولى قانداق بولسا، تۈركىيەنىڭكىمۇ شۇنداق بولىدۇ.  كونترول قىلىش ۋە كۆزىتىش مەركىزى مۇھىم  پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. جۈملىدىن، نازارەت قىلىش، كۆزىتىش ھەمدە كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز. ئەزەربەيجان قانداق خالىسا، شۇ بويىچە ئەزەربەيجاننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر