ئاقار: ئەزەربەيجان ئارمىيەسى پۈتكۈل دۇنياغا كۈچىنى نامايان قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئۆز كۈچىنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

1525793
ئاقار: ئەزەربەيجان ئارمىيەسى پۈتكۈل دۇنياغا كۈچىنى نامايان قىلدى
akar.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خۇلۇسى ئاقار تۈنۈگۈن ھەمراھلىقىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال – پولكوۋنىك ئۈمىت دۈندار ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال – پولكوۋنىك ھاسان كۈچۈكئاقيۈز بىلەن بىرلىكتە ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇغا يېتىپ بېرىپ، ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى زىيارەت قىلدى.

ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال – پولكوۋنىك زاكىر ھەسەنوف تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان ئاقار، مىنىستىرلىقتا ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئۆز زېمىنلىرىنىڭ ئىشغالدىن ئازاد قىلىنىشىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا قاتناشتى.

ئاقار مۇراسىمدىكى سۆزلىرىنى ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدا 30 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ناھەق ئىشغالغا خاتىمە بەرگەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنى تەبرىكلەش بىلەن باشلىدى.

ئەزەربەيجاننىڭ «بولدى بەس» دېگەن ھالدا ئۆز زېمىنلىرىدىكى ئىشغالغا خاتىمە بېرىپ، ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلارنى ئازاد قىلىش ھەرىكىتىنىڭ تارىخقا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلىدىغان بىر غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئاقار، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ «ئىككى دۆلەت بىر مىللەت» قارىشى بىلەن مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاقار، «ئەزەربەيجان قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئۆز زېمىنىنى ئىشغالدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان 44 كۈنلۈك ھەرىكىتى جەريانىدا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى ۋە جاسارىتى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. بۇ ھەرىكەت 44 كۈندە تاماملانغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ 44 يىل بويىچە ھېكايە قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشنىڭلار» دېدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ غەلىبىسىگە چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان مىنىستىر ئاقار، «ھازىرقى ھالەت بىزنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى. بۇ ھەرىكەت بىر ئويغىنىشتۇر. ئەزەربەيجان ئارمىيەسى كۈچىنى پۈتكۈل دۇنياغا نامايان قىلدى» دېدى ۋە سۆزلىرىنى «ئەزەربەيجان، ئۈچ رەڭلىك بايرىقىڭ بىلەن خۇشال ياشا!» دەپ ئاخىرلاشتۇردى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال – پولكوۋنىك زاكىر ھەسەنوف، ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ 30 يىلدىن بۇيان ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىنلىرىنى قۇتقۇزۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر