چاۋۇشئوغلۇ بايراموۋنى تەبرىكلىدى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋنى تاغلىق قاراباغدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى.

1525100
چاۋۇشئوغلۇ بايراموۋنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاۋۇشئوغلۇ بايراموۋغا تېلېفون قىلىپ،  تاغلىق قاراباغدا قولغا كەلتۈرلگەن زەپەر مۇناسىۋىتى بىلەن ھەم بايراموۋنى ھەمدە ئەزەربەيجان خەلقىنى تەبرىكلىگەن.

بايراموۋمۇ، ھەردائىم ئەزەربەيجاننى قوللاپ كېلىۋاتقان ھەمدە ھېچقاچان ياردىمىنى ئايىمىغان، ئەزەربەيجاننىڭ خۇشاللىقىنىمۇ، دەرد – ئەلەملىرىنىمۇ ئورتاقلاشقان تۈركىيە خەلقى ۋە چاۋۇشئوغلۇغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.

دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، «ئۈستۈن قاراباغ » مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر