چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليادا بوسنىيە ۋە كىرودىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ، تۈركىيەنىڭ، بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنانىڭ مۇقىملىقى ۋە پۈتۈنلۈكىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1523454
چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليادا بوسنىيە ۋە كىرودىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
Gordan Grliç Radman-cavusoglu.jpg
cavusoglu turkovic mutabakat.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن ئانتاليانىڭ بەلەك ساياھەت مەركىزىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ھەمكارلىق مۇساپىسىنىڭ رەسمىي بولمىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى دائىرىسىدە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىسېرا تۇركوۋىچ بىلەن كۆرۈشتى.

ئىككى مىنىستىرنىڭ ئايرىم ئۇچرىشىشى جەريانىدا، مىنىستىرلىقلار ئارا دىپلوماتىك ئارخىپ ۋە رەسمىي مۇناسىۋەتلەر ساھەسى بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرىسىدا ئىككى ئايرىم رامكا كېلىشىمى ئىمزالاندى.

چاۋۇشوغلۇ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئۇچۇرىدا، «بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنانىڭ مۇقىملىقى ۋە پۈتۈنلۈكىنى كۈچلۈك قوللىشىمىز داۋاملىشىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

چاۋۇشوغلۇ يەنە كىرودىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گوردان گىرىك رادمان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ بۇ ھەقتىكى تىۋىتتېر ئۇچۇرىدا، «ئورتاق ئىقتىساد ۋە سودا كومىتېتى قۇرۇپ چىقىشنى، ئارىلاشما ئىقتىسادىي كومىتېتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر