ي ت ب ۋىيېننادىكى تۈركلەرنى تەبرىكلىدى

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسى-ي ت ب (YTB)، ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغان ساقچىلارغا ياردەم قىلغان تۈركلەرنى تەبرىكلىدى.

1521119
ي ت ب ۋىيېننادىكى تۈركلەرنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ي ت ب تۋىتتېر بېتىدە، ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغان ساقچىلارغا ياردەم قىلغان تۈركلەرنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە سەۋر، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز. يارىلانغان ساقچىلارغا ياردەم قىلغان قەھرىمان تۈركلەرنى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز. تۈركىيە بۇ قىيىن كۈنلەردە ئاۋستىرىيە خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ» دېيىلدى.

ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا تۈنۈگۈن كېچە (2020-يىلى 2-نويابىر) يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 15 كىشى يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر