شەنتوپ ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1520860
شەنتوپ ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۇ كېچە ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. قايسى شەكىلدە ۋە قانداق مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلسا بېرىلسۇن، پۇقرالار نىشان قىلىنغان ھەرقانداق شەكىلدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسى تېررورىزمدۇر، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئورنىتىش قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر مەجبۇرىيەتكە ئايلاندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر