شەنتوپ، چاۋۇشئوغلۇ، قالىن ۋە ئالتۇن ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى شەنتوپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى قالىن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالتۇن ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1520843
شەنتوپ، چاۋۇشئوغلۇ، قالىن ۋە ئالتۇن ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

شەنتوپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۇ كېچە ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. قايسى شەكىلدە ۋە قانداق مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلسا بېرىلسۇن، پۇقرالار نىشان قىلىنغان ھەرقانداق شەكىلدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسى تېررورىزمدۇر، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئورنىتىش قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر مەجبۇرىيەتكە ئايلاندى.»

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋىيېننادا تېررورىزمنىڭ قاراڭغۇ يۈزىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېررورىزم پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنىدۇر. بۇ بالايىئاپەتكە قارشى سەمىمىي بىر خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ مۇسىبەتلىك كۈندە ئاۋسترىيە خەلقىنىڭ يېنىدىمىز.»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بۇ قەبىھ ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن - يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر - تاقەت تىلەيمىز. ھەر خىل شەكىلدىكى تېررورىزمغا قارشى ئاۋسترىيەنىڭ يېنىدىمىز. تېررورىزم بالاسىغا قارشى كۈرىشىمىزنى ئاداققىچە قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز.»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ،  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمەن. تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى ئاۋسترىيەنىڭ يېنىدىدۇر. دەرد – ئەلەملىرىڭلارنى ئورتاقلىشىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر