يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 85 كە چىقتى

تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ئىزمىردا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 85 كە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1519913
يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 85 كە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ئىزمىردا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ساننىڭ 85 كە چىققانلىقىنى، 962 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھىت ۋە شەھەرچىلىك مىنىستىرى مۇرات كۇرۇممۇ يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 85 كە چىققانلىقىنى ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ 963 ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر مۇرات كۇرۇم توققۇز كىشىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشتا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى، بۇلاردىن تۆت كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، 11 بىنادا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە سەككىز بىنادا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەسكەرتىلىشىچە، يارىلانغانلاردىن 743 كىشى داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان. 219 كىشى بولسا، دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا ئىكەن.

30-ئۆكتەبىر (2020) ئەنقەرە ۋاقىت 14 تىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە ئەگە دېڭىزىدا، ئىزمىرنىڭ سەفەرىھىسار ناھىيەسىگە 17 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز تەۋەلىكىدە، 16.54 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 6.6 بال يەر تەۋرىگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر