لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا تۈركىيەنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئالدىنقى ھەپتە بىر گۇرۇپپا ئەرمېنىيە تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قارشى تۈركىيەنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

1520014
لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا تۈركىيەنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت بېيرۇتنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى كولا رايونىغا توپلانغان ئەسلى ماردىنلىق لىۋان پۇقرالىرى مەيداننى​​ لىۋان ۋە تۈركىيە بايراقلىرى شۇنداقلا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەسىملىرى بىلەن بېزەپ، ئەرمەنىيلەرنىڭ نامايىشىغا قارشى تۈركىيەگە بولغان قوللاشلىرىنى نامايان قىلدى.

لىۋان ۋە تۈركىيەنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئىزمىردە جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇردى ۋە دۇئا-تىلاۋەت قىلدى. ئاندىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى قوللايدىغان شۇئارلارنى توۋلىدى.

لىۋاندىكى ئەرمېنىيە داشناك پارتىيەسىگە تەۋە بىر گۇرۇپپا ئالدىنقى ھەپتە تۈركىيەنىڭ بېيرۇتتىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، بىخەتەرلىك خادىملىرىغا تاش ۋە ئېتىلغاقلار بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئىدى.

تۈركىيەنىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئەزەربەيجاننى قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن گۇرۇپپا، تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجانغا قارشى تەخمىنەن بىر سائەت ئەتراپىدا شوئار توۋلىغاندىن كېيىن، تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئىسرائىلىيە بايراقلىرىنى كۆيدۈرگەن ئىدى.

1920 - يىللىرىدىن باشلاپ لىۋانغا كۆچۈشكە باشلىغان ۋە بېيرۇتتا ياشايدىغان ماردىنلىكلەردىن تەخمىنەن 17 مىڭ كىشى ھەم تۈركىيە، ھەم لىۋان پۇقرالىقىغا ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر