تۈركىيە فىرانسىيەدە پوپقا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە فىرانسىيەنىڭ لىئون شەھەردىكى ئورتودوكىس چېركاۋىنىڭ باش پوپىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1519491
تۈركىيە فىرانسىيەدە پوپقا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمدا ئېغىر يارىلانغان دىنىي خادىمنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ۋە بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈردى.

بايانتتا، «فىرانسىيەنىڭ لىئون شەھىرىدە بۇ قېتىم بىر ئورتودوكىس دىنىي زاتقا قىلىىنغان قوراللىق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ھەر تۈرلۈك تېررورلۇققا قارشى يىللاردىن بېرى كۈرەش قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن فرانسىيە خەلقى ۋە فرانسىيەدە ياشايدىغان ئورتودوكىس جامائىتىدىن ھال سوراش بىلەن بىرگە، تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكلىتلەيمىز» دېيىلدى.

تۈنۈگۈن فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى لىئون شەھىرىگە تەۋە 7 - رايونىدا گرېتسىيە ئورتودوكس چېركاۋىغا يېقىن جايدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋە ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ  ئاۋ مىلتىقى بىلەن پوپنى ئېتىپ قېچىپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر