29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى چەكسىز ھاياجانغا سالماقتا

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 – يىللىقى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، چەت ئەللەردىكى ۋاكالەتخانىلاردا ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە تۈرلۈك مۇراسىملار ئارقىلىق تەبرىكلىنىدۇ.

1517871
29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى چەكسىز ھاياجانغا سالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدىكى تۇنجى مۇراسىم ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ئاتاتۈركنىڭ مەقبەرەسىگە گۈلچەمبىرەك قويىدۇ.

ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدىكى مۇراسىمدىن كېيىن، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا داۋاملىشىدۇ. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ يەردە 29 –ئۆكتەبىر تەبرىكلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەردوغاننىڭ بۇ ئالاھىدە كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن «بەشتەپە سارىيى» دا «مىللىي كۈرەش كۆرگەزمىسى» نى ئېچىشى كۈتۈلمەكتە.

«بەشتەپە سارىيى» دىكى بايرام تەنتەنىسى «جۇمھۇرىيەت بايرىمى كۆرىكى» بىلەن داۋاملىشىدۇ. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە باشلىنىدىغان مۇراسىم يۈرۈشى، بىرىنچى مەجلىستە ئاخىرلىشىدۇ. يۈرۈش ھارپىسىدا مۇزىكا ئەترىتى نومۇر ئورۇنلايدۇ.

29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن، پايتەخت ئەنقەرەدىكى بىر قىسىم ئانا يوللار تاقىلىدۇ.

29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بۇ مۇراسىملار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا، ئانتاليادىكى پاتارا قەدىمكى شەھىرىدە، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى سىمفونىيە ئوركېستىرىمۇ، ئەنقەرە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 7 دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە «بۈيۈك جۇمھۇرىيەت كونسېرتى» بېرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئاقدېڭىزدا 97 غەۋۋاس مەخسۇس سۇ ئاستى يورۇتۇش ماھارىتى كۆرسىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر