تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 69 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن 69 كىشى قازا قىلدى.

1515332
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 69 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 9 مىڭ 727 گە يەتتى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 113 مىڭ 427 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 2091 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1573 كىشىنى قوشقاندا، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 313 مىڭ 93 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر