بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 57 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 57 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1509150
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 57 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 9 مىڭ 14كە چىقتى.
بىر كۈندە 115 مىڭ 328 كىشى تەكشۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 1 مىڭ 671 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 396 كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ جەمئىي سانى 298 مىڭ 368 گە چىقتى.