شىمالىي ئىراقتا 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھافتانىن ۋە گارا رايونلىرىدا بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.
1504342
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن ۋە گارا رايونلىرىدا ئورنى ئېنىقلانغان 5 پ ك ك تېررورچىسى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.