ئاقار: ئەزەربەيجاننىڭ ھەققانىي داۋاسىغا چارە تاپالمىغانلار سەمىمىي ئەمەس

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباغ رايونىدىكى ھەققانىي داۋاسىغا ھەل قىلىش چارىسى تاپالمىغانلارنىڭ ئۇرۇش توختىتىش چاقرىقلىرىنىڭ سەمىمىي ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1501725
ئاقار: ئەزەربەيجاننىڭ ھەققانىي داۋاسىغا چارە تاپالمىغانلار سەمىمىي ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار، قەيسەرىدىكى ھەربىي باتارېيە سانائىتى ۋە سودا شىركىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، تۈركىيەنىڭ تۇنجى لىتىي ئىئونلۇق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش مۇئەسسەسەلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباغ رايونىدىكى ھەققانىي داۋاسىغا ھەل قىلىش چارىسى تاپالمىغانلارنىڭ ئۇرۇش توختىتىش چاقرىقلىرى سەمىمىي ئەمەس. جانجىگەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەققانىي داۋاسى ۋە ئۆز زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش كۈرىشىنى ئاداققىچە قوللايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر