ئەردوغان «بىئولوگىيەلىك كۆپ خىللىق باشلىقلار يىغىنى» دا سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، كوۋىد – 19 نىڭ بىر ساغلاملىق مەسىلىسى بولۇشتىنمۇ بەكرەك، ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

1500568
ئەردوغان «بىئولوگىيەلىك كۆپ خىللىق باشلىقلار يىغىنى» دا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 75 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «بىئولوگىيەلىك كۆپ خىللىق باشلىقلار يىغىنى» غا سىنلىق ئۇچۇر ئەۋەتتى.

ئوخشىمىغان 3 كىلىمات بەلبېغى ۋە بىيو - جۇغراپىيەلىك رايونغا جايلاشقان تۈركىيەنىڭ ناھايىتى مول تەبىئىي كۆپ خىللىققا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ پەقەت قىتئەلەر ۋە كۈلتۈرلەرنىڭلا ئەمەس، بۇلار بىر ۋاقىتتا كىلىماتلارنىڭ كېسىشىش ئېغىزى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتى يوق دېگۈدەك دەرىجىدە تۆۋۋەن بولسىمۇ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەشتە ئالدىنقى سەپتىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «يەنە بىئولوگىيىلىك كۆپ خىللىقنىڭ قوغدىلىشى، سىجىل پايدىلىنىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى يەرشارىۋى تىرىشچانلىقىنى قوللاۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى..

«2022 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىئولوگىيىلىك كۆپ خىللىق ئەھدىنامىسىگە تەرەپ بولغان دۆلەتلەرنىڭ 16 - قېتىملىق يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغان ۋە 2 يىللىق نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان تۈركىيە، بۇ جەرياندا بىئولوگىيىلىك كۆپ خىللىقنىڭ قوغدىلىشى ۋە سىجىل پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر قەدەملەرنى بېسىشتا يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ... كەلگۈسى ئون يىل ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. سىجىل تەرەققىيات نىشانى ئۈچۈن بىيولوگخيەلىك كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا ئېھتىياج بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر