تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ لىۋىيە ئېمبارگوسىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە لىۋىيە مەسىلىسى دائىرىسىدە بىر دېڭىزچىلىق شىركىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1495101
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ لىۋىيە ئېمبارگوسىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى يىغىنىدىن كېيىن، لىۋىيە مەسىلىسى دائىرىسىدە بىر تۈرك دېڭىزچىلىق شىركىتىنىڭ «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلۈشىگە، «بىزنىڭ نەزىرىمىزدە بۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق» تەرىقىسىدە نارازىلىق بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى يىغىنىدىن كېيىن، لىۋىيە مەسىلىسى دائىرىسىدە بىر دېڭىزچىلىق شىركىتىمىزنىڭمۇ <ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى> گە كىرگۈزۈلۈشىنىڭ بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ھەرىكىتى، لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھەفتەرنى مۇكاپاتلاندۇرغانلىق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان لىۋىيە ھۆكۈمىتىنى جازالاندۇرغانلىق بولىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمەتكە قىلغان ياردەملىرى <ئېمبارگونى دەپسەندە قىلغانلىق> دەپ قارالماقتا. ھالبۇكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپ بولۇشىغا قارىماي، ھەربىي ئىسيانچى ھەفتەرگە قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋادىن قورال – ياراغ ئەۋەتكەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەر ۋە شىركەتلەرنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەرەپبازلىقىنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ئالامىتىدۇر.»

باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى ئارقىلىق خەلقئارا قانۇن تەرىپىدە تۇرۇشنىڭ ئورنىغا، زوراۋاننى مۇكاپاتلاندۇرىدىغان زىيانلىق ھەرىكىتى ئارقىلىق، قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

شەرقىي ئاقدېڭىزدا سۈركىلىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن غەيرەت كۆرسىتىلىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇنداق بىر قارارنىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ «ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە بىمەنە» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، «ياۋروپا ئىتتىپاقى رايوندا بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى خالىسا، ئۇنداقتا، تەرەپبازلىق قىلىشتىن ۋاز كېچىشى، تۈركىيە بىلەن كېڭىشىش ۋە ھەمكارلىشىش دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك» دېيىلدى.

بىريۇسسېلدا تۈنۈگۈن چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەگە قارىتىلغان قورال – ياراغ ئېمبارگوسىنى دەپسەندە قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تۈركىيە، ئىيوردانىيە ۋە قازاقىستاندىن ئۈچ شىركەتكە، ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقى ئۈچۈن، لىۋىيە پۇقراسى ئىككى كىشىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر