جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى «خەلقئارا شەرقىي ئاقدېڭىز مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزىدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى، 24 – سېنتەبىردە «خەلقئارا شەرقىي ئاقدېڭىز مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزىدۇ.

1495328
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى «خەلقئارا شەرقىي ئاقدېڭىز مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ھەققانىيەت ۋە ھەمكارلىق قارىشى ۋە بۇنىڭ خەلقئارا سىستېمىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى مۇھاكىمە قىلىنىدىغان سىن كۆرۈنۈشلۈك يىغىننىڭ ئېچىلىش سۆزىنى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن قىلىدىكەن.

يىغىننىڭ ژۇرنالىست مەريەم ئىلايدا ئاتلاس رىياسەتچىلىك قىلىدىغان «تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ھەققانىيەت ۋە ھەمكارلىق قارىشى» تېمىلىق بىرىنچى بۆلۈمىدە، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سەلىم قىران، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرىە ئالپئارسلان بايراقتار بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى خەۋپسىزلىك ۋە تاشقى سىياسەت ئورگىنى ئەزاسى پىروفېسسور دوكتور چاغرى ئەرھان سۆز قىلىدىكەن..

يىغىننىڭ سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى ۋەخپى – SETA نىڭ ۋاشىنگتون ئىشخانىسى دىرېكتورى قىلىچ بۇغرا قانات رىياسەتچىلىك قىلدىغان ئىككىنچى بۆلۈمىدە، جۇمھۇر رەئىسنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ، پروفېسسور دوكتور گۈلنۇر ئايبەت، خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ پېشقەدەم تەتقىقاتچىسى مايك دوران، جامىستوۋن فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گلېن خوۋارد ۋە سانني مارىتايم ئىنستىتۇتىدىن پروفېسسور دوكتور مارك مېيروۋىتز قاتارلىقلار «شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئادىل ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ خەلقئارا سىستېمىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى» توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر