ئىچكى كابىنېت يىغىنى چاقىرىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئىچكى كابىنېت يىغىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە بۈگۈن چاقىرىلىدۇ.

1494314
ئىچكى كابىنېت يىغىنى چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە مۇھىم كۈنتەرتىپىنى شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر تەشكىل قىلىدىغان يىغىندا، ئەنقەرەنىڭ سۈركىلىشنى ئازايتىش مەقسىتىدە تاشلاۋاتقان قەدەملىرى، يېقىندىن بۇيانقى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى ۋە يېڭى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى  ھەققىدە مۇزاكىرە  ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يىغىندا يەنە، لىۋىيە ۋە سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە ھەيئەتلىرىنىڭ كەسىپداشلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇچرىشىشلىرى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە  ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

يىغىندىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بايانات ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر