تۈركىيە بالقان دۆلەتلىرى بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە

تۈركىيە گىرېتسىيەمۇ قاتناشقان بالقان دۆلەتلىرى ئالاھىدە قىسىملار ھەربىي مانېۋىرىغا 12 ھەربىي خادىم ئارقىلىق ئىشتىراك قىلماقتا.

1493240
تۈركىيە بالقان دۆلەتلىرى بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھەر ئىككى دۆلەت بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشماقتا.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بالقان دۆلەتلىرى ئالاھىدە قىسىملار بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا، تۈركىيە، رۇمىنىيە، گىرېتسىيە، بۇلغارىيە، ئالبانىيە ۋە شىمالىي ماكېدونىيەدىن ئالاھىدە قىسىملار ئىشتىراك قىلماقتا ئىكەن.

14 – سېنتەبىر رۇمىنىيەدە باشلانغان ۋە 25 – سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان ھەربىي مانېۋىرنىڭ نىشانى، بالقان دۆلەتلىرىنىڭ ئالاھىدە قىسىملىرى ئارا دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ھەمدە ماس قەدەمدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئىكەن.

رۇمىنىيە ئالاھىدە قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي مانېۋىرغا، تۈركىيە باش ئىشتاب باشقارمىسىدىن بىر ئالاھىدە ئەترەت، بىر قارارگاھ خادىمى بولۇپ، جەمئىي 12 ھەربىي خادىم قاتناشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر