«پەنجە – قاپلان» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قاپلان» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى، بىر ئەسكەر يارىلاندى.
1493019
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «<پەنجە – قاپلان> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، 2020 – يىلى، 17 – سېنتەبىر كۈنى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئۇنسۇرلىرىنىڭ بىر ھەربىي بازىمىزغا راكېتامىيوت ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە، ئىككى قەھرىمان سەپدىشىمىز شېھىت بولدى، بىر قەھرىمان سەپدىشىمىز يارىلاندى. يارىلانغان سەپدىشىمىز دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.»