چاۋۇشئوغلۇ لىۋىيەنىڭ مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ لىۋىيەدە توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ۋە مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىغا كىرگەنلىكلىرىنى، تۈركىيەنىڭمۇ بۇ مۇساپىنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1492312
چاۋۇشئوغلۇ لىۋىيەنىڭ مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كۈنتەرتىپ مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز ئەسساراجنىڭ ئالدىمىزدىكى ئاي ئىستېپا بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى باياناتى توغرىسىدا: «لىۋىيەدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن ئۇچرىشىشلار بار. بىز قوللاۋاتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش، مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش چارىسىدۇر. بىز بۇنى تەلەپ قىلىمىز. دېمىسىمۇ، سەرراج كېلىشىم ھاسىل قىلىنسا، دۆلەتتە سايلام ئۆتكۈزۈلگەندە ئىستېپا بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ۋە كېيىنكى باسقۇچتا لىۋىيەنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن پىداكارلىق قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ» دېدى.

ئۇ سەرراجنىڭ ئىككى تەرەپنى بىرلەشتۈرگەن كېلىشىم ھاسىل قىلىنسا، «سايلام ئۆتكۈزۈلگەندە ئىستېپا بېرىشى مۇمكىنلىكى» توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان لىۋىيە ئۇچرىشىشلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ: «خۇلاسە قىلغاندا، رۇسىيە بىلەنمۇ لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىشتىن ئىبارەت مەقسىتىمىزگە يېتىش. ئۇلار قارشى تەرەپتە. بىز بولساق قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە ھۆكۈمەت تەرەپتە. ئۇرۇش توختىتىش ۋە سىياسىي مۇساپىغا مۇناسىۋەتلىك يېقىنقى ئۇچرىشىشلاردا پىكىرلىرىمىز يەنە بىر ئاز يېقىنلاشتى» دېدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر